TSK

TSK · دانىيال 11:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈنكى ئۆزىگە ئايان بولغان قەبىھلىك تۈپەيلىدىن مەن ئۇنىڭغا، سېنىڭ جەمەتىڭدىن مەڭگۈلۈك ھۆكۈم چىقارماقچىمەن، دەپ ئېيتقانمەن؛ چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئىپلاسلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى توسمىدى.

ئابشالوم شۇنداق قىلىپ پادىشاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا كەلگەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىر ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرىنى ئۇتۇۋالاتتى.

پەس ئادەمنى كۆزگە ئىلمىسا، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلارنى ھۆرمەتلىسە، ئۆزىگە زىيانلىق بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكەن قەسىمىنى ئۆزگەرتمىسە،

پەسەندىلەر ئەمدى پەزىلەتلىك دەپ ئاتالمايدۇ، پىقسىق ئىپلاسلار ئەمدى مەرد دەپ ئاتالمايدۇ،

بۇ تۆت مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى بىرىدىن يەنە بىر مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولدى، جەنۇب، شەرق تەرەپلەرگە ۋە «گۈزەل زېمىن»غا قاراپ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.

ئۆز ئۇستاتلىقى بىلەن ئۇنىڭ نازارىتى ئاستىدا ھەرقانداق ھىيلە-مىكىرلىك خېلى روناق تاپىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە تەكەببۇرلىشىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى بىخەتەر ھېس قىلغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز زەرب قىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى ھالاك قىلىدۇ؛ ئۇ ھەتتا ئوچۇقتىن ئوچۇق «ئەمىرلەرنىڭ ئەمىرى»گە قارشى چىقىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىردا ئىنسانلارنىڭ قولىسىز ھالاك قىلىنىدۇ.

كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر پادىشاھ تەختكە ئولتۇرىدۇ؛ ئۇ پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايىغا بىر زالىم ئالۋاڭبېگىنى ئەۋەتىدۇ. لېكىن ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مالىمانچىلىقمۇ بولماي، جەڭمۇ بولماي ئۆلتۈرۈلىدۇ».

يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ.