ــ «بۇ گۇۋاھنامىنى يۆگەپ، تەۋرات قانۇنىنى مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئارىسىدا پېچەتلەپ قويغىن.
TSK
TSK · دانىيال 12:4
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مۇشۇ كۆرگەن پۈتكۈل ۋەھىي بولسا، سىلەر ئۈچۈن پېچەتلىۋېتىلگەن بىر يۆگىمە كىتابدەك بولۇپ قالدى؛ خەق كىتابنى ساۋاتلىق بىرسىگە بېرىپ: ــ «ئوقۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن» ــ دېسە، ئۇ: ــ «ئوقۇيالمايمەن، چۈنكى پېچىتى بار ئىكەن» ــ دەيدۇ.
پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ جاراھىتىنى تاڭىدىغان، ئۇلارنىڭ قامچا يارىسىنى ساقايتقان شۇ كۈنىدە، ئاي شولىسى قۇياش نۇرىدەك بولىدۇ، قۇياش نۇرى بولسا يەتتە ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، يەنى يەتتە كۈندىكى نۇرغا باراۋەر بولىدۇ.
[جەبرائىل] يېنىمغا كەلدى. كەلگەندە، مەن ناھايىتى قورقۇپ كېتىپ يەرگە يىقىلىپ دۈم چۈشتۈم. ئۇ ماڭا: ــ ئەي ئىنسان ئوغلى، سەن شۇنى چۈشىنىشىڭ كېرەككى، بۇ غايىبانە ئالامەت ئاخىر زامان توغرىسىدىدۇر، ــ دېدى.
ساڭا ئايان قىلىنغان، ئاخشامدىن ئەتىگەنگىچە داۋاملاشقان بۇ غايىبانە ئالامەت ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. لېكىن سەن ئۇنى ۋاقتىنچە مەخپىي تۇت. چۈنكى ئۇ كۆپ كۈنلەر كېيىنكى كەلگۈسى ھەققىدىدۇر».
خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ.
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ئەي دانىيال، يولۇڭغا ماڭ، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئاخىر زامانغىچە مەخپىي تۇتۇلۇپ يېپىقلىق تۇرىدۇ.
شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، نۇر توختاپ قالىدۇ؛ پارلاق يۇلتۇزلارمۇ قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ؛
لېكىن شۇنى سورايمەنكى، ئۇلار شۇ خەۋەرنى ئاڭلىمىغانمىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى: ــ «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتكۈل دۇنياغا، سۆزلىرى يەر يۈزىنىڭ قەرلىرىگە يەتتى».
ئاندىن مەن ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلارغا، يەنى ھەربىر ئەل، قەبىلە، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار، ھەر مىللەتلەرگە ئېلىپ يەتكۈزۈشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەر تاپشۇرۇلدى.