ئۇ ئۇلارغا: — ئەمدى سىلەر گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پەيغەمبەر بولسا، مەن پەرۋەردىگار ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، چۈشىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىمەن.
TSK
TSK · دانىيال 2:19
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
تۈن كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردىن چىققان ئويلاردا، ئادەملەرنى چوڭقۇر ئۇيقۇ باسقاندا،
پەرۋەردىگار ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلار بىلەن سىرداشتۇر؛ ئۇ ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇ چوڭقۇر ۋە سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر، قاراڭغۇلۇققا يوشۇرۇنغان ئىشلارنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، نۇر ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىللىدۇر.
ــ ئەي پالچىلارنىڭ باشلىقى بەلتەشاسار، مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى سەندە ئىكەنلىكىنى، ساڭا ھېچقانداق سىر تەس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىم، شۇڭا مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈمدىكى غايىبانە ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرگەيسەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەبىر بەرگەيسەن، ــ دېدىم.
رەب پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە ئاۋۋال ئاشكارىلىماي تۇرۇپ، ئۇ ھېچ ئىش قىلمايدۇ.
ھالبۇكى، [تەۋراتتا] پۈتۈلگەنندەك: ــ «ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى ــ دەل ھېچقانداق كۆز كۆرمىگەن، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلىمىغان، ھېچقانداق كۆڭۈل ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر».