TSK

TSK · دانىيال 5:1

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۈچىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، پىرەۋننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا، ئۇ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن بىر زىياپەت قىلىپ بەردى، شۇنداقلا دەرۋەقە خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدا باش ساقىينىڭ بېشىنى كۆتۈردى ۋە باش ناۋاينىڭ بېشىنى ئالدى؛

شۇڭا كۆڭلۈم پاراكەندە بولۇپ ھاسىراپ كەتتىم، مېنى دەھشەت قورقۇنچ باستى؛ ئۇ مەن زوق ئالىدىغان كېچىنى ساراسىمە بولىدىغان كېچىگە ئايلاندۇردى.  

شۇ كۈنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار سىلەرنى يىغلاپ ماتەم تۇتۇشقا، چاچنى چۈشۈرۈپ پاينەكباش بولۇشقا، بۆز كىيىم كىيىشكە مۇراجىئەت قىلدى.

ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قىزىپ كەتكەندە، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ قويىمەنكى، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يايراپ-ياشناپ كېتىدۇ، ــ ئاندىن مەڭگۈگە ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

ئۇلار قامغاقتەك بىر-بىرىگە چىرمىشىۋالغان بولسىمۇ، ئۆز ھاراقلىرىدىن سۈزمە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار قۇرۇق پاخالدەك پۈتۈنلەي يەپ كېتىلىدۇ.