TSK

TSK · دانىيال 5:26

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئادەم ئۆلسە، قايتا ياشامدۇ؟ شۇنداق بولسا ماڭا شۇنداق ئۆزگىرىش ۋاقتى كەلگۈچە، مۇشۇ جاپاغا تولغان كۈنلىرىم ئۆتكۈچە، سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتەتتىم!

«دېڭىزنىڭ چۆل-باياۋىنى» توغرىسىدا يۈكلەنگەن بىر ۋەھىي: ــ «جەنۇب تەرەپتە قويۇنتازلار ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەك، دەھشەتلىك زېمىندىن بىر نېمىلەر كېلىۋاتىدۇ!».

بۇ پۈتكۈل زېمىن ۋەيرانە ۋە دەھشەت سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ، ۋە بۇ ئەللەر بابىل پادىشاھىنىڭ يەتمىش يىل قۇللۇقىدا بولىدۇ.

بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ، ئوغلىنىڭ ھەم نەۋرىسىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۆز زېمىنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، كۆپ ئەللەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار ئۇنىمۇ قۇللۇققا سالىدۇ.

يەنى تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى مەنكى دانىيال مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشۇم بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە يەتكۈزگەن كالام-بېشارىتى بويىچە، يېروسالېمنىڭ خاراب بولىدىغان جازا مەزگىلى يەتمىش يىل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم.