TSK

TSK · دانىيال 6:28

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پارس پادىشاھى قۇرەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيانىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پارس پادىشاھى قۇرەشنىڭ روھىنى قوزغىشى بىلەن پۈتۈن پادىشاھلىقى تەۋەسىدە ئۇ مۇنداق بىر جاكارنامە چىقاردى، شۇنداقلا ئۇنى يازما قىلىپ پۈكۈپ: ــ

ھەم قورەش توغرىسىدا: «ئۇ مېنىڭ قوي پادىچىم، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ، يېرۇسالېمغا: «قۇرۇلىسەن»، ھەم ئىبادەتخانىغا: «سېنىڭ ئۇلۇڭ سېلىنىدۇ» دەيدۇ» ــ دېگۈچىدۇر): ــ

دانىيال پارس پادىشاھى قورەش تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلغىچە ئوردىدا داۋاملىق تۇردى.

قورەش پارسقا سەلتەنەت قىلغان ئۈچىنچى يىلى، دانىيال (يەنە بىر ئىسمى بەلتەشاسار بولغان)غا بىر خەۋەر ۋەھىي قىلىندى. ئۇ خەۋەر ئىشەنچلىكتۇر ــ لېكىن ناھايىتى قاتتىق جەڭ جۇدۇنلىرى توغرىسىدىدۇر. دانىيال بۇ خەۋەرنى چۈشەندى ۋە غايىبانە ئالامەت توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.