TSK

TSK · دانىيال 8:15

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈنكى بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلدى؛ بىزگە بىر ئوغۇل ئاتا قىلىندى؛ ھۆكۈمرانلىق بولسا ئۇنىڭ زىممىسىگە قويۇلىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى: ــ «كارامەت مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك تەڭرى، مەڭگۈلۈك ئاتا، ئامان-خاتىرجەملىك ئىگىسى شاھزادە» دەپ ئاتىلىدۇ.  

كېچىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلەردە مانا، مەن گويا ئىنسان ئوغلىغا ئوخشاش بىر زاتنىڭ ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كەلگىنىنى كۆردۈم. ئۇ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»نىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىندى.

بۇ ئىش مانا مۇشۇ يەرگىچە بولدى. مەنكى دانىيال، ئۆز ئويلىرىم ئۆزۈمنى ئالاقزادە قىلدى، چىرايىم تاتىرىپ كەتتى. بىراق بۇ ئىشنى قەلبىمدە پۈكۈپ ساقلىدىم.

مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا: ــ تەقسىر، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشتىن ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم.

ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، مەنىسىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: ــ تەقسىر، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدىم.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىكنى يولغا سېلىۋېتىپ ئۆيگە كىردى. مۇخلىسلىرى يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىزلىقتىكى كۈرمەك توغرىسىدىكى تەمسىلنى بىزگە شەرھلەپ بەرسەڭ، ــ دەپ ئۆتۈندى.

ئاندىن ئىنسانئوغلىنىڭ ئالامىتى ئاسماندىن كۆرۈنىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل قەبىلىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ ئىچىدە ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.   

«ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن.   

ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىغا پۇتلىرىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى.