سىلەر بۇ ئىشلار ئارقىلىق ئىبرەت-تەربىيە ئالماي، بەلكى يەنىلا ماڭا قارشى ماڭساڭلار،
TSK
TSK · دانىيال 9:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
لېكىن پەرۋەردىگار سىلەرگە بۈگۈنگىچە چۈشەنگۈدەك كۆڭۈل، كۆرگۈدەك كۆز ۋە ئاڭلىغۇدەك قۇلاق بەرمىدى.
بىراق كۆڭلىگە ئىپلاسلىقنى پۈككەنلەر يەنىلا ئاداۋەت ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارغا ئاسارەت چۈشۈرگەندىمۇ ئۇلار يەنىلا تىلاۋەت قىلمايدۇ.
تەۋرات-قانۇنۇڭدىن كارامەت سىرلارنى كۆرۈشۈم ئۈچۈن، كۆزلىرىمنى ئاچقايسەن!
مانا، ئالدىنقى ئىشلار بولسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى جاكارلايمەن؛ ئۇلار تېخى يۈز بەرمىگۈچە، مەن ئۇلارنى سىلەرگە بايان قىلىمەن.
ئەمدى بىز ناپاك بىر نەرسىگە ئوخشاش بولدۇق، قىلىۋاتقان بارلىق «ھەققانىيەتلىرىمىز» بولسا بىر ئەۋرەت لاتىسىغىلا ئوخشايدۇ، خالاس؛ ھەممىمىز يوپۇرماقتەك خازان بولۇپ كەتتۇق، قەبىھلىكلىرىمىز شامالدەك بىزنى ئۇچۇرۇپ تاشلىۋەتتى.
بالىلىرىڭنى بىكاردىن بىكار ئۇرۇپ قويدۇم؛ ئۇلار ھېچ تەربىيىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۆز قىلىچىڭ يىرتقۇچ شىردەك پەيغەمبەرلىرىڭنى يەۋەتتى.
سېنىڭ بارلىق ئاشنىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار سېنىڭ ھالىڭنى ھېچ سورىمايدۇ. چۈنكى مەن سېنى دۈشمەندەك زەرب بىلەن ئۇرغانمەن، رەھىمسىز بىر زالىمدەك ساڭا ساۋاق بولسۇن دەپ ئۇرغانمەن؛ چۈنكى سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ھەددى-ھېسابسىز، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغان.
سەۋەبى، سىلەر خۇشبۇي ياققانسىلەر، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ نە تەۋرات-قانۇنىدا، نە بەلگىلىمىلىرىدە نە ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىدا ھېچ ماڭمىغانسىلەر؛ شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشتى».
سەن ياشلىق كۈنلىرىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىدىڭ، ئەكسىچە مۇشۇ قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنى غەزەپلەندۈردۈڭ؛ شۇڭا مانا، ئۆز يولۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇزۇقلۇقنى باشقا يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭ ئۈستىگە قوشۇپ ئىككىنچى قىلمايسەن.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى تونۇردەك قىزىقتۇر، ئۇلار ئۆز سوراقچىلىرىنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى يىقىلدى ــ ئۇلاردىن ھېچكىم مېنى نىدا قىلىپ چاقىرمايدۇ!
ئۇلار ئورنىدا يېتىپ نالە قىلغاندا، ماڭا كۆڭلىدە ھېچ نىدا قىلمىدى؛ ئۇلارنىڭ جامائەتكە يىغىلىشى پەقەت ئاش ۋە يېڭى شاراب ئۈچۈندۇر، خالاس؛ ئۇلار مەندىن چەتلەپ كەتتى.
پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. شۇڭا، ئاتىنىڭ [سۆزىنى] تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ھەربىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ.
خۇدا ئۆز سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ)
(ھەقىقەتنىڭ ئەيسادا بولغىنىدەك، ئۇنى ھەقىقەتەن ئاڭلىغان، ئۇنىڭدا ئۆگىتىلگەن بولساڭلار) ــ