TSK

TSK · قانۇن شەرھى 21:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سەن ئۇنى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھالىڭ ۋە سەندىن كېيىنكى بالىلىرىڭنىڭ ھالى ياخشى بولىدۇ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلغان بولىسەن.

ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆز شەھىرىدىكى ئاقساقاللار ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىشى كېرەك، ئاندىن ئۇنى ئۆلتۈرۈلسۇن دەپ «قان قىساسى ئالغۇچى»نىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

پەرۋەردىگار يەھۇغا: سەن ئوبدان قىلدىڭ؛ مېنىڭ نەزىرىمگە مۇۋاپىق كۆرۈنگىنىنى ئادا قىلىپ، ئاھابنىڭ جەمەتىگە كۆڭلۈمدىكى ھەممە نىيەتنى بەجا قىلىپ پۈتكۈزگىنىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ تۆتىنچى نەسلىگىچە ئىسرائىلنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدۇ، دېدى.