TSK

TSK · ھېكمەت توپلىغۇچى 2:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ھەزەكىيا پۈتۈن يەھۇدا زېمىنىدا شۇنداق قىلدى؛ ئۇ ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ياخشى، دۇرۇس ۋە ھەق بولغاننى قىلدى.

ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ھەر ئىشتا ئاتىسى داۋۇتنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ، نە ئوڭغا نە سولغا چەتنەپ كەتمىدى.

يەھوئاكىم تەختكە چىققان چېغىدا يىگىرمە بەش ياشتا بولۇپ، ئۇ يېرۇسالېمدا ئون بىر يىل سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇ پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدى.

ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرلەر شۇنداقكى: «ئۆي-ئىمارىتىمىز مەڭگۈگە، ماكان-تۇرالغۇلىرىمىز دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ»؛ ئۇلار ئۆز يەرلىرىگە ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويىدۇ.

دانالىق ئۇرۇش قوراللىرىدىن ئەۋزەلدۇر؛ بىراق بىر گۇناھكار زور ياخشىلىقنى ھالاك قىلىدۇ.

ــ بىراق كۆزۈڭ ۋە كۆڭلۈڭ بولسا پەقەت ئۆز جازانە-مەنپەئەتىڭگە ئېرىشىش، گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش پەيتىنى كۆزلەپ تىكىلگەندۇر.