ئالتە كۈن ئىشلەپ بارلىق ئىشلىرىڭنى تۈگەتكىن؛
TSK
TSK · مىسىردىن چىقىش 34:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئالتە كۈن ئىچىدە ئۆز ئىشىڭنى ئادا قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. بۇنىڭ بىلەن كالا-ئېشەكلىرىڭ ئارام تاپىدۇ، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى بىلەن مۇساپىر كىشىمۇ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ.
قانۇن شەرھى 5:12
TSK
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئەمر قىلغاندەك شابات كۈنىنى مۇقەددەس دەپ بىلىپ تۇت، ئۇنىڭغا ئەمەل قىل.
سامۇئىل «1» 8:12
TSK
ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن مىڭ بېشى ۋە ئەللىك بېشى بولۇشقا، يېرىنى ھەيدەشكە، ھوسۇلىنى ئورۇشقا، جەڭ قوراللىرى بىلەن ھارۋا ئەسۋابلىرىنى ياساشقا سالىدۇ.
لۇقا 13:14
TSK
بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە: ــ ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، ــ دېدى.