TSK

TSK · يارىتىلىش 13:2

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پەرۋەردىگار خوجامغا كۆپ بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، ئۇ ئۇلۇغ بىر كىشى بولدى. ئۇ ئۇنىڭغا قوي بىلەن كالا، كۈمۈش بىلەن ئالتۇن، قۇل بىلەن دېدەكلەرنى، تۆگە بىلەن ئېشەكلەرنى بەردى.

بۇ كىشى باش كۆتۈرۈپ، بارغانسېرى راۋاج تېپىپ، تولىمۇ كاتتا كىشىلەردىن بولۇپ قالدى.

شۇنداق قىلىپ، بۇ كىشى ناھايىتى باي بولۇپ، ماللىرى، دېدەكلىرى، قۇللىرى، تۆگىلىرى ۋە ئېشەكلىرى خېلى كۆپ بولدى.

پەرۋەردىگار ئادەمنى ھەم نامرات قىلىۋېتىدۇ، ھەم باي قىلىدۇ؛ ئۇ كىشىنى ھەم پەس قىلىدۇ، ھەم ئېگىز كۆتۈرىدۇ.

ئۆزۈڭ ئۇنىڭ ئۆزى، ئائىلىسىدىكىلىرى ھەم ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ ئەتراپىغا قاشا قويغان ئەمەسمۇ؟ سەن ئۇنىڭ قولىغا بەرىكەت ئاتا قىلدىڭ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەئەللۇقاتى تەرەپ-تەرەپتىن گۈللىنىپ ئاۋۇماقتا.

ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر!  

پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس.

چۈنكى «بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازراق پايدىسى بار، لېكىن ئىخلاسمەنلىكتە ئىنتىلىشنىڭ ھەرتەرەپلىك پايدىسى بار؛ ئۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ»