TSK

TSK · يارىتىلىش 3:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ!

يۈسۈپ ئۇلارغا: ــ بۇ سىلەرنىڭ زادى نېمە قىلغىنىڭلار؟ مېنىڭدەك ئادەمنىڭ چوقۇم پال ئاچالايدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى.

لېكىن سامۇئىل: ــ نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟! ــ دەپ سورىدى. سائۇل: ــ خەلق مەندىن تارىلىپ كەتكەنلىكىنى، سىلىنىڭ بېكىتكەن ۋاقىتتا كەلمىگەنلىكلىرىنى، فىلىستىيلەرنىڭ مىكماشتا يىغىلغىنىنى كۆردۇم،

نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلدىڭ؟ سەن ھىتتىي ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە ئايال قىلدىڭ، سەن ئۇنى ئاممونىيلارنىڭ قىلىچى بىلەن قەتل قىلدىڭ.

بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قورقۇتىۋەتتى. ئۇلار: «سەن زادى نېمە ئىش قىلغان؟» — دەپ سورىدى [چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ يۈزىدىن قاچقانلىقىنى بىلگەنىدى، چۈنكى ئۇلار بۇنى ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغانىدى].

ئەمما يىلان ھاۋائانىمىزنى ھىيلىگەرلىكى بىلەن ئازدۇرغاندەك، ئوي-كۆڭلۈڭلار مەسىھكە باغلانغان سەمىمىي، ساپ ۋاپالىقتىن ئېزىپ بۇلغىنىشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.