TSK

TSK · يارىتىلىش 45:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

لېكىن ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا دېگەندە، شۇنداقلا يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلارنىمۇ كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياقۇپنىڭ روھىغا جان كىردى.

ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى قوپۇپ، سىن چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە سەپەر قىلىپ، رەفىدىم دېگەن يەرگە كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. ئەمما ئۇ يەردە خەلققە ئىچكىلى سۇ يوق ئىدى.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەدىيەلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلىشتى، كەلتۈرۈلگەن بۇ ھەدىيەلەر جەمئىي بولۇپ ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى ئۆكۈزدىن ئىبارەت ئىدى؛ ھەر ئىككى ئەمىر بىرلىشىپ بىردىن سايىۋەنلىك ھارۋا، ھەربىر ئەمىر بىردىن ئۆكۈز ئېلىپ كەلدى؛ ئۇلار بۇ ھەدىيەلەرنى چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىشتى.

شۇنداق قىلىپ، شۇ بىر كۈن ئىچىدە يوسىيا پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇلۇشى بىلەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن ئىبادەت تولۇق ئورۇنلاندى.