TSK

TSK · يەرەمىيا 21:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئاندىن ئۇلار سۇككوتتىن چىقىپ، چۆلنىڭ چېتىدىكى ئېتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى.

يېرۇسالېم! تاغلار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئورۇغان، ھەم پەرۋەردىگار ھازىردىن تا ئەبەدگىچە ئۆز خەلقىنىڭ ئەتراپىنى ئورايدۇ.

«پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى دەل مۇشۇدۇر!» دەپ ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتمەڭلار.

مەن ئۆزۈممۇ سوزۇلغان قولۇم ۋە كۈچلۈك بىلىكىم بىلەن، غەزىپىم بىلەن، قەھرىم بىلەن ۋە ھەسسىلەنگەن ئاچچىقىم بىلەن سىلەرگە جەڭ قىلىمەن!

نېمىشقا كۈچ-ھەيۋىتىڭنى داڭلايسەن؟ سېنىڭ كۈچۈڭ ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئى: «كىم ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالىسۇن؟» دەپ ئۆز بايلىقلىرىڭغا تايانغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى قىز!

مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى كۆرەڭلەپ كەتكۇچى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى سېنىڭ كۈنۈڭ، يەنى مەن يېنىڭغا يېقىن كېلىپ جازالايدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛

ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇسى يۇقىرى بولغۇچى، كۆڭلۈڭدە: «كىم مېنى يەرگە چۈشۈرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇق ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى!