تاكى سەن تۇپراققا قايتقۇچە يۈز-كۆزۈڭ تەرگە چۈمگەندە، ئاندىن نان يېيەلەيسەن؛ چۈنكى سەن ئەسلى تۇپراقتىن ئېلىنغانسەن؛ سەن ئەسلىدە توپا بولغاچ، يەنە توپىغا قايتىسەن» ــ دېدى.
TSK
TSK · ئايۇپ 1:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئەمدى مېنى مۇشۇ يەرگە سېتىۋەتكىنىڭلار ئۈچۈن ئازابلانماڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار؛ چۈنكى خۇدا ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مېنى سىلەردىن بۇرۇن بۇ يەرگە ئەۋەتتى.
پەرۋەردىگار ئادەمنى ھەم نامرات قىلىۋېتىدۇ، ھەم باي قىلىدۇ؛ ئۇ كىشىنى ھەم پەس قىلىدۇ، ھەم ئېگىز كۆتۈرىدۇ.
پەرۋەردىگار بەلكىم مېنىڭ دەردلىرىمنى نەزىرىگە ئېلىپ، بۇ ئادەمنىڭ بۈگۈن مېنى قارغىغانلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا ياخشىلىق ياندۇرار، دېدى.
ھەزەكىيا ئەمدى ئۆز-ئۆزىگە «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولمامدۇ؟»، دەپ يەشاياغا: ــ «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ دېدى.
ئەگەر سەن قولۇڭنى سوزۇپ، ئۇنىڭ ھەممە نەرسىلىرىگە تېگىپ قويساڭ، ئۇ سەندىن يۈز ئۆرۈپ، سېنى تىللىمىسا [شەيتان بولماي كېتەي]! ــ دېدى.
مانا، ئۇ ئېلىپ كېتىدۇ، كىم ئۇنى ئۆز يولىدىن ياندۇرالىسۇن؟ كىم ئۇنىڭدىن: «نېمە قىلىۋاتىسەن» دەپ سوراشقا پېتىنالىسۇن؟
چۈنكى ئۇ ئۆلگەندە ھېچنەرسىسىنى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ؛ ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۇنىڭ بىلەن بىللە [گۆرگە] چۈشمەيدۇ.
شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ بايلىقلىرى بالايىئاپەت تۈپەيلىدىن يوقىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنداق ئادەمنىڭ بىر ئوغلى بولسا، [ئوغلىنىڭ] قولىغا قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى يوق بولىدۇ.
خۇدا ھەربىرسىنى بايلىقلارغا، مال-دۇنياغا ئىگە بولۇشقا، شۇنىڭدەك ئۇلاردىن يېيىشكە، ئۆز رىزقىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۆز ئەمگىكىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا مۇيەسسەر قىلغان بولسا ــ مانا بۇلار خۇدانىڭ سوۋغىتىدۇر.
شۇڭا پەرۋەردىگارنى شەرقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى غەربتىكى يىراق ئاراللاردىمۇ ئۇلۇغلاڭلار؛
نۇرنى شەكىللەندۈرگۈچى، قاراڭغۇلۇقنى ياراتقۇچىدۇرمەن، بەخت-خاتىرجەملىكنى ياسىغۇچى، بالايىئاپەتنى ياراتقۇچىدۇرمەن؛ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن».
شەھەردە [ئاگاھ] كانىيى چېلىنسا، خەلق قورقمامدۇ؟ پەرۋەردىگار قىلمىغان بولسا، شەھەرگە يامانلىق چۈشەمدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بويىچە سەن بۇرۇنلا نېمىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى بېكىتكەن بولساڭ، ئۇلار شۇلارنى قىلغان.
ھەرقانداق ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى مانا بۇلار خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر.
بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى [ئاسماندىكى] [بارلىق] يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ.