TSK

TSK · ئايۇپ 14:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇ ئۆلەي دەپ قالغاندا، چۆرىسىدە تۇرغان ئاياللار: ــ قورقمىغىن، سەن ئوغۇل بالا تۇغدۇڭ، دېدى. لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابمۇ بەرمىدى ھەم كۆڭۈل بۆلمىدى.

بەرھەق، ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىدۇر، ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-سالدىراشلىرى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر؛ ئۇلار بايلىقلارنى توپلايدۇ، لېكىن كېيىن بۇ بايلىقلارنى كىمنىڭ قولىغا جۇغلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

تىرىكلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ بىراق ئۆلگەنلەر بولسا ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچ ئىنئامى يەنە بولمايدۇ؛ ئۇلار ھەتتا ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، قايتا كەلمەيدۇ.

چۈنكى گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، سەن ھامان بىزنىڭ ئاتىمىز؛ سەن پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ ئەزەلدىن تارتىپ «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز» سېنىڭ نامىڭدۇر.