TSK

TSK · ئايۇپ 34:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈنكى پەرۋەردىگار كۆڭلى ماڭا تامامەن سادىق بولغانلارغا ياردەمدە بولۇپ، ئۆزۈمنى قۇدرەتلىك كۆرسىتەي دەپ، كۆزلىرىنى پۈتۈن يەر يۈزىدە ئۇيان-بۇيان يۈگۈرتىدۇ. سەن بۇ ئىشتا بەك ئەخمەقلىق قىلدىڭ. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇشلاردىن خالاس بولالمايسەن، دېدى.

ئۇ مېنىڭ يوللىرىمنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ھەربىر قەدەملىرىمنى ساناپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟

مېنى كۆزىتىپ تەكشۈرگەيسەن، ئى تەڭرىم! مېنىڭ قەلبىمنى بىلىپ يەتكەيسەن! مېنى سىناپ، غەملىك ئويلىرىمنى بىلگەيسەن؛

مەنكى پەرۋەردىگار ئىنسان قەلبىنى كۆزىتىپ تەكشۈرىمەن؛ ھەربىرسىگە ئۆز يوللىرى بويىچە، قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە تەقسىم قىلىش ئۈچۈن، ئىنسان ۋىجدانىنى سىنايمەن.   

قاراڭلار، رەب پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى «گۇناھكار پادىشاھلىق» ئۈستىگە چۈشتى ــ مەن يەر يۈزىدىن ئۇنى يوقىتىمەن؛ لېكىن مەن ياقۇپ جەمەتىنى تولۇق يوقىتىۋەتمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.