TSK

TSK · يۇھاننا 13:11

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئىنسان توغرۇلۇق ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى؛ چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىلەتتى.

ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.

ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، روھتا قاتتىق پىغان چېكىپ، مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!

مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سەن ماڭا بەرگەن نامىڭ بىلەن ئۇلارنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم؛ ۋە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى يولىدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھالاكەتكە خاس بولغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى.