نۇھ شۇنداق قىلدى؛ خۇدا ئۆزىگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشنى ئۇ بەجا كەلتۈردى.
TSK
TSK · يۇھاننا 13:17
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلار بىلەن قۇلۇڭ ئويغىتىلىدۇ؛ ئىنسان ئۇلارغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرسا چوڭ مۇكاپات باردۇر.
مېنىڭ روھىمنى ئىچىڭلارغا كىرگۈزۈپ، سىلەرنى ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە ماڭغۇزىمەن، ھۆكۈملىرىمنى تۇتقۇزىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلىسىلەر؛
چۈنكى كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، ــ دېدى.
بىراق ئۇ جاۋابەن: ــ بەلكى خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر! ــ دېدى.
سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.
چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر.
لېكىن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ، ئۇنتۇغاق ئاڭلىغۇچى بولماي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاپ ئىجرا قىلغۇچى بولغان كىشى ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ.
شۇنىڭدەك كىمدىكىم مەلۇم ياخشى ئىشنى قىلىشقا تېگىشلىك دەپ بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغان بولسا، گۇناھ قىلغان بولىدۇ.