ۋە ماڭا: «سەن بولساڭ ئۆزۈڭدە مېنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقىم ئايان قىلىنىدىغان ئۆز قۇلۇم ئىسرائىلدۇرسەن» ــ دېدى».
TSK
TSK · يۇھاننا 13:31
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
لېكىن مەن ئالدى بىلەن بىر چۆمۈلدۈرۈش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشۈم كېرەك ۋە بۇ چۈمۈلدۈرۈلۈشۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغۇچە ئىنتايىن قىينىلىمەن!
لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇ كېسەلدىن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلى ئۇلۇغلىنىپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنىدۇ ــ دېدى.
ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!». شۇئان، ئاسماندىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈردۈم ۋە يەنە ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرىمەن!» ــ دېيىلدى.
ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر شۇنى قەتئىي بىلسۇنكى، خۇدا سىلەر كرېستلىگەن دەل ئۇشبۇ ئەيسانى ھەم رەب ھەم مەسىھ قىلىپ تىكلىدى!».
بۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر جان بىر دىل بىلەن بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر.
چۈنكى خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى بولغان مەسىھنىڭ شان-شەرىپى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورۇمىسۇن دەپ، بۇ زاماننىڭ ئىلاھى ئېتىقادسىزلارنىڭ ئوي-زېھىنلىرىنى كور قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛
بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.
بەلگىلىمىلەردە ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان، بىزنى ئەيىبلەيدىغان پۈتۈكلەرنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى؛ ئۇ ئۇلارنى بىزدىن نېرى قىلدى، كرېستكە مىخلاتقۇزدى.
سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدانىڭ [شۇنى قىلغىنى] ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار ئۆزىگە باغلانسۇن ئۈچۈندۇر.
ئۇلار يېڭى بىر كۈي ئېيتىشتى: ــ «ئورام يازمىنى ئېلىشقا، ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن؛ چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن سېتىۋېلىپ، خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.