TSK

TSK · يۇھاننا 14:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

موشۇ زېمىندىن چىقماي مۇساپىر بولۇپ تۇرغىن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن سەن بىلەن بىللە بولۇپ، ساڭا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن؛ چۈنكى مەن سەن ۋە نەسلىڭگە بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىپ، ئاتاڭ ئىبراھىمغا بەرگەن قەسىمىمنى ئادا قىلىمەن؛

شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنى سۆيۈپ، پۈتكۈل قەلبىڭلار ۋە پۈتكۈل جېنىڭلار بىلەن ئۇنىڭ ئىبادىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالساڭلار،

ئۇ پەرۋەردىگارغا چىڭ باغلىنىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن چىقماي، بەلكى پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان ئەمرلەرنى تۇتاتتى.

كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئۆزۈڭ ئۇلارنى بېكىتكەنسەن.

مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن؛

ــ مەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئۈستۈڭلارغا چاچىمەن، بۇنىڭ بىلەن سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى ھەممە پاسكىنىلىقىڭلاردىن ۋە بۇتلىرىڭلاردىن پاكلايمەن.

بىراق ئۇ جاۋابەن: ــ بەلكى خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر! ــ دېدى.

مەن سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن، يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن.

ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم؛ مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە ئىزچىل تۇرۇڭلار.

ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ.

يەنى مەن ئۇلاردا، سەن مەندە بولۇپ، ئۇلار بىرلىكتە كامىل قىلىنغاي. شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكىلەر مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ئۇلارنىمۇ سۆيگەنلىكىڭنى بىلىدۇ.

ۋە [رەبنىڭ] ماڭا: «چاپسان بول، يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

چۈنكى «قاراڭغۇلۇقتىن نۇر يورۇسۇن» دەپ بۇيرۇغان خۇدا، مەسىھنىڭ دىدارىدىن ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى تونۇتۇشقا بولغان يورۇقلۇقنىڭ [بىز ئارقىلىق] چېچىلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتقاندۇر.

لېكىن رەب مېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇپ، مەن ئارقىلىق ئىنجىل جاكارى تولۇق قىلىنىپ، بۇ يەردىكى بارلىق يات ئەللىكلەردىن بولغانلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن مېنى كۈچلەندۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن مەن شىرنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزىۋېلىندىم.

مانا بۇ ئىش [تەۋراتتىكى]: «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى» دېگەن يازمىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئۇ «خۇدانىڭ دوستى» دەپ ئاتالدى.   

لېكىن كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلسا، ئەمدى ئۇنىڭدا خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىڭدا بولغانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلىمىز.  

ئەزىز بالىلىرىم، سۆز بىلەن ۋە تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە ۋە ھەقىقەتتە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.

(مېھىر-مۇھەببەت شۇكى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ مېڭىشتۇر). مانا بۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، ئۇنىڭدا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تاپىلانغاندۇر.  

مانا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ.