TSK

TSK · يۇھاننا 18:32

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

غالجىر ئىتلار ماڭا ئولاشتى، بىر توپ رەزىللەر مېنى قىستاپ كېلىپ، مېنىڭ قولۇم ۋە پۇتۇمنى سانجىپ تەشتى.

ــ سىلەرگە مەلۇمكى، ئىككى كۈندىن كېيىن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولىدۇ، شۇ چاغدا ئىنسانئوغلى كرېستلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى.  

چۈنكى ئۇ يات ئەللەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، خارلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈكۈرىدۇ؛   

مۇسا چۆلدە [تۇچ] يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك.   

بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى.

ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى

ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى. بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» دەپ يېزىلغان.