لېكىن پادىشاھ: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ ئۇ قارغىسا قارغىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا، داۋۇتنى قارغىغىن، دەپ ئېيتقان بولسا، ئۇنداقتا كىم ئۇنىڭغا: نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ ــ دېيەلىسۇن؟
TSK
TSK · يۇھاننا 2:4
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھەربىر ئىشنىڭ مۇۋاپىق پەسلى بار، ئاسمانلار ئاستىدىكى ھەممە ئارزۇنىڭ ئۆز ۋاقتىمۇ بار؛
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەي خانىم، ئىشەنچىڭ كۈچلۈك ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن! ــ دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى.
شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: ــ مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن سىلەرگە نىسبەتەن ھەرۋاقىت مۇناسىپتۇر.
ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە، سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېيتقانىدى. بىراق ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.
ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى.
ئۇلار مەريەمدىن: ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
شۇنىڭ بىلەن بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمنى ئىنسانلارچە تونۇمايمىز؛ ھەتتا بىز مەسىھنى ئىنسانلارچە تونۇغان بولساق، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى يەنە شۇنداق تونۇمايمىز.