TSK

TSK · يۇھاننا 2:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ تاماقنى قولىنى يۇماي، يەنى «ناپاك» ھالدا يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماي، بەلكى يۇيۇلمىغان قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى (چۈنكى پەرىسىيلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيلار ئاتا-بوۋىلىرى تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان ئەنئەنىنى چىڭ تۇتقاچقا، ئاۋۋال قوللىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يۇمىسا، تاماق يېمەيدۇ. شۇنىڭدەك بازاردىن قايتىپ كەلگەندىمۇ، ئۇلار قول يۇماي بىرنەرسە يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىيالە-قەدەھ، داس-چۆگۈن ۋە مىس قاچىلار ۋە دىۋانلارنى يۇيۇش توغرىسىدا تاپشۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىلەردىمۇ چىڭ تۇرىدۇ).

[مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن] شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز-كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر،   

ئۇلار پەقەت يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە بويىنى سۇغا سېلىشنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلىرىگە باغلىق بولۇپ، [قانۇن-تۈزۈم] تۈزۈتۈلۈش ۋاقتى كەلگۈچىلىك كۈچكە ئىگە قىلىنغان، ئىنسانلارنىڭ ئەتلىرىگىلا باغلىق بولغان بەلگىلىمە-نىزاملاردۇر.

دىللىرىمىز ۋىجداندىكى بۇلغۇنۇشلاردىن سېپىلىش بىلەن پاكلانغان ۋە بەدىنىمىز ساپ سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك تازىلانغان ھالدا ئېتىقادنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىكى ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى!