TSK

TSK · يۇھاننا 21:15

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ خوجام كۆردىلە، بالىلار كىچىك، قېشىمدا ئېمىدىغان قوزا ۋە موزايلار بار؛ ئەگەر مەن بۇلارنى بىر كۈنلا ئالدىرتىپ قوغلاپ ماڭدۇرسام، پۈتكۈل پادا ئۆلۈپ كېتىدۇ.

ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭدا مېنىڭ ھەقىقەت ۋە پاك دىل بىلەن مېڭىپ يۈرگەنلىكىمنى، نەزىرىڭ ئالدىڭدا دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئەسلەپ قويغايسەن، ــ دېدى. ۋە ھەزەكىيا يىغلاپ ئېقىپ كەتتى.

قويچىدەك ئۇ ئۆز پادىسىنى باقىدۇ؛ ئۇ قوزىلارنى بىلەك-قولىغا يىغىدۇ، ئۇلارنى قۇچاقلاپ ماڭىدۇ، ئېمىتكۈچىلەرنى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.

مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ھەقىقىي باقىدىغان باققۇچىلارنى تىكلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىنچى قورقمايدۇ ياكى پاراكەندە بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچقايسىسى كەم بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پادىچىنى تىكلەيمەن، ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ ئۇ بولسا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت؛ ئۇ ئۇلارنى بېقىپ، ئۇلارغا پادىچى بولىدۇ؛

ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار ماڭا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئۆز ئوغۇل-قىزىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ ماڭا مۇناسىپ ئەمەس.

ــ بۇ سەبىي كىچىكلەرنىڭ ھېچبىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى شۇنى سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتامنىڭ جامالىنى ھەردائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ.

پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ھەممەيلەن سېنىڭ تۈپەيلىڭدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى.

لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ھەممەيلەن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى.

لېكىن ئېتىقادىڭ يوقىمىسۇن دەپ ساڭا دۇئا قىلدىم. ئەمدى سەن توۋا قىلىپ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن» ــ دېدى.

ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ، بۇ يەرگە كەلدىم. مەن ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن.   

ــ «مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر.

ئەيسا سۆيگەن مۇخلىس پېترۇسقا: ــ بۇ رەبقۇ! ــ دېدى. سىمون پېترۇس ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تونىنى ئۆزىگە يۆگەپ (چۈنكى [بېلىنىڭ ئاستى] يالىڭاچ ئىدى) ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىدى.

ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: ــ يۇنۇسنىڭ ئوغلى سىمون، مېنى سۆيەمسەن؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: ــ شۇنداق، رەب، مېنىڭ سېنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسەن، ــ دېدى. ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، ــ دېدى.

ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار.

لېكىن مەن، ئى قېرىنداشلار، روھقا تەۋە كىشىلەرگە سۆز قىلغاندەك سىلەرگە سۆز قىلالماي كېلىۋاتىمەن؛ ئەكسىچە سىلەرنى ئەتكە تەۋە كىشىلەر، مەسىھدە بولغان بوۋاق ھېسابلاپ سىلەرگە سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم.

چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر.  

رەب ئەيسا مەسىھنى ئۆلمەس-چىرىماس سۆيگۈ بىلەن سۆيگۈچىلەرگە مېھىر-شەپقەت يار بولغاي!

ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق مەۋجۇدات غايىپ ئەمەستۇر؛ بەلكى بىزدىن ھېساب ئالغۇچىنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.

ئەمدى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى بىلەن قوي پادىسىنىڭ كاتتا پادىچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى، خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا   

رەبنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ بىلگەنىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردەك بولۇپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىدىكى ساپ سۈتكە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر نىجاتنىڭ [كامالىتىگە] يېتىپ ئۆسىسىلەر.  

ئەمدى مەن ئاراڭلاردىكى ئاقساقاللاردىن (مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، نامايان قىلىنىدىغان شان-شەرەپكە نېسىپ بولغۇچى ۋە سىلەرگە ئوخشاش بىر ئاقساقال سۈپىتىدە) شۇنى ئۆتۈنىمەنكى،

ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھەربىر كىشى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ؛ ۋە تۇغدۇرغۇچى [ئاتىنى] سۆيىدىغان ھەربىر كىشى ئۇنىڭدىن تۇغۇلغۇچىنىمۇ سۆيىدۇ.