TSK

TSK · يۇھاننا 21:7

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بولدى.

پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئى رەب، بۇ سەن بولساڭ، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭغا بېرىشىمغا ئەمر قىلغايسەن، ــ دېدى.

چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ ــ رەب مەسىھدۇر!

ئەمدى داستىخاندا مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ ياتقانىدى؛ ئۇ بولسا «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ئىدى.   

شۇڭا ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ سىمون پېترۇس ۋە ئەيسا سۆيگەن ھېلىقى مۇخلىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: ــ ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق! ــ دېدى.  

توماس ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ مۇخلىستۇر. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن سۆز-كالام، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق (ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇدالارغا رەبدۇر) ئىناق-جاتىرجەملىك جاكارلانغان خۇش خەۋەر سىلەرگە مەلۇمغۇ؛

چۈنكى مەسىھنىڭ مۇھەببىتى بىزنى [شۇنداق قىلىشقا] ئۈندەيدۇ؛ چۈنكى بىز بىرسى ھەممەيلەن ئۈچۈن ئۆلدى، شۇڭا ھەممەيلەننىمۇ ئۆلدى، دەپ ھېسابلايمىز.