ئادەمئاتا بىر يۈز ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆز سۈرەت-ئوبرازىدەك بىر ئوغۇل تۆرەلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويدى.
TSK
TSK · يۇھاننا 3:6
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
خۇدا يەر يۈزىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، جاھان رەزىللەشكەنىدى؛ چۈنكى بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ يەر يۈزىدە قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى.
ئىنسان نېمە ئىدى؟ ئۆز-ئۆزىنى پاكلىيالىغۇدەك؟ ئانىدىن تۇغۇلغان ئادەم بالىسى نېمە ئىدى؟ ھەققانىي بولالىغۇدەك؟
مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛ ۋۇجۇمدىكى سادىق روھىمنى يېڭىلىغايسەن.
مەن سىلەرگە يېڭى قەلب بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھ سالىمەن؛ تېنىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن.
چۈنكى بىز «ئەت»نىڭ ئىلكىدە ۋاقتىمىزدا، تەۋرات قانۇنى گۇناھنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى تېخىمۇ قوزغاپ، تېنىمىزدىكى ئەزالاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مېۋىنى چىقارغانىدى؛
رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەشەككۈر بولسۇن! شۇنداق قىلىپ، قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىمەن، لېكىن ئەتلىرىمدە گۇناھ سادىر قىلدۇرغۇچى قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىمەن.
چۈنكى ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ئەتتىكى قىلمىشلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلساڭلار، ياشايسىلەر.
دەسلەپكى ئىنسان بولسا يەردىن، تۇپراقتىن ئاپىرىدە قىلىنغان؛ ئىككىنچى ئىنسان بولسا ئاسماندىن كەلگەندۇر؛
ئەمما شۇنى دەيمەنكى ــ [مۇقەددەس] روھتا مېڭىڭلار، ۋە شۇ چاغدا سىلەر ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر.
بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز، ئەتلىرىمىز ھەم ئۆز ئوي-خىيالىمىزنىڭ خاھىشلىرىغا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئوخشاش، ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز؛
خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر.