TSK

TSK · يۇھاننا 5:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەمدى مەن ئۆزۈم، پەقەت مەنلا «شۇ»دۇرمەن، ماڭا ھەمراھ ھېچقانداق ئىلاھنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ بىلىڭلار. مەن ئۆلتۈرۈپ تىرىلدۈرىمەن، زەخىملەندۈرۈپ ساقايتىمەن؛ ۋە ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ.  

ئېلىشا ئۆيگە كېلىپ قارىسا، مانا، بالا ئۇنىڭ كارىۋىتىدا ئۆلۈك ياتاتتى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ: ــ يىگىت، ساڭا ئېيتىمەن، ئويغان! ــ دېدى.   

ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛

يەنى، ئۇنىڭ سەن ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئەت ئىگىلىرىدىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلغىنىڭدەك، ئۇنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن.