TSK

TSK · يۇھاننا 5:39

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغىنىدا ئۇ ئۆزى ئۈچۈن لاۋىي كاھىنلارنىڭ ئالدىدا مۇشۇ قانۇننى بىر دەپتەرگە كۆچۈرۈپ پۈتۈشى كېرەك.

مەن ئۇلارغا قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن ساڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەرنى تۇرغۇزىمەن، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سالىمەن ۋە ئۇ مەن ئۇنىڭغا بارلىق تاپىلىغىنىمنى ئۇلارغا سۆزلەيدۇ.

بۇ قانۇن كىتابىنى ئۆز ئاغزىڭدىن نېرى قىلماي، ئۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى كېچە-كۈندۈز زىكىر قىلىپ ئويلا؛ شۇنداق قىلساڭ يوللىرىڭدا غەلىبىلىك بولۇپ، ئۆزۈڭ روناق تاپىسەن.   

سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛ ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛ ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر.

چۈنكى سەندىلا باردۇر ھاياتلىق بۇلىقى؛ نۇرۇڭدا بولۇپ نۇرنى كۆرىمىز.

چۈنكى [خۇدانىڭ] پەرمانى يورۇق چىراغ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر.

ــ تەۋرات قانۇنى ۋە گۇۋاھنامە ئاساس قىلىنسۇن! مۇشۇلارنى ئاساس قىلىپ سۆز قىلمىسا، ئۇلارغا تاڭ نۇرى چۈشمەيدۇ!

دانىشمەنلەر خىجىل بولىدۇ، ئۇلار يەرگە قاراپ قالدى؛ مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى چەتكە قاققاندىن كېيىن، ئۇلاردا زادى نېمە دانالىق قالىدۇ؟

مانا، بىر كۈنى بىر سى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ ــ دەپ سورىدى.

لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مۇسا [پەيغەمبەر] سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ ــ دېدى.

ۋە مانا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ: ــ ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ۋارىس بولماق ئۈچۈن نېمە ئىشنى قىلىشىم كېرەك؟ ــ دەپ سورىدى.

ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [گۇۋاھلىقىنى] ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ دېدى.

ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى.

لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى بار. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن.   

چۈنكى ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا [پەيغەمبەرگە] ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئۇ [مۇقەددەس يازمىلاردا] مەن توغرۇلۇق پۈتكەندۇر.

ئۇ ئوقۇۋاتقان يازما قىسمى بولسا: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا يېتىلەپ مېڭىلغان قويدەك بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلدى، قىرقىغۇچى ئالدىدا ئۈن-تىنسىز ياتقان قوزىدەك، ئۇ زادىلا ئېغىز ئاچمىدى.

ئۇ يەردىكى [سىناگوگدىكىلەر] تېسالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا ئېسىل خىسلەتلىك بولۇپ، سۆز-كالامنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئېنىقالاپ بىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقىنىپ ئىزلەندى.

ــ ئەي ئاگرىپپا ئالىيلىرى، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ مەن ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن! ــ دېدى.

سەنچۇ، ئەگەر ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەپ ئاتاپ، تەۋرات قانۇنىغا ئۈمىد باغلاپ، خۇداغا تەۋەمەن دەپ ماختانساڭ،   

مەسىھنىڭ سۆز-كالامىنى ئۆزۈڭلاردا بايلىق ھاسىل قىلىپ تۇرغۇزۇڭلار، بارلىق دانالىق بىلەن بىر-بىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار، جېكىلەڭلار، چىن قەلبىڭلاردا زەبۇر-نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلارنى ياڭرىتىپ خۇدانى چىرايلىق مەدھىيىلەڭلار؛

لېكىن ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل، يەنى ئەرشتىكى بىر ماكاننى تەلپۈنۈپ ئىزدىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشىدىن نومۇس قىلمايدۇ؛ چۈنكى مانا، ئۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغان.

سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەتنى ئالدىن ئېيتقان [ئىلگىرىكى] پەيغەمبەرلەر بۇ نىجات-قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقانىدى.

مەن ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى ئايىغىغا يىقىلدىم. لېكىن ئۇ: ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى قېرىنداشلىرىڭ بىلەن ئوخشاش قۇل-خىزمەتكارمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى ۋەھىي-بېشارەتنىڭ روھ-ماھىيىتى بولسا ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتۇر، ــ دېدى.