بىراق پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «كۆڭلۈڭدە مېنىڭ نامىمغا بىر ئۆي ياساشقا قىلغان نىيىتىڭ ياخشىدۇر؛
TSK
TSK · يۇھاننا 5:44
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلار ھەممە ئەمەللىرىنى ئىنسانلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار «ئايەت قاپلىرى»نى كەڭ قىلىپ چىگىۋېلىپ، تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ؛
«يارايسەن، ئەي ياخشى قۇل! سەن كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك چىققانلىقىڭ ئۈچۈن ئون شەھەرگە ھاكىم بولغىن» ــ دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا.
سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ سۆز-كالامىم قۇلىقىڭلارغا كىرمەيۋاتىدۇ!
مەڭگۈلۈك ھايات شۇكى، بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ــ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتىن ئىبارەتتۇر.
بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-خاتىرجەملىك تەقدىم قىلىنىدۇ.
چۈنكى ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر خۇداغا دۈشمەنلىكتۇر؛ چۈنكى ئەت خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس؛
چۈنكى ئۆزىنى تەرىپلىگۈچى ئەمەس، بەلكى رەب تەرىپلىگەن كىشى ھەقىقەتەن لاياقەتلىكتۇر.
قېرىنداشلىرىم، شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد يولىنى تۇتقانىكەنسىلەر، ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن بولماڭلار.