بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ئاسماندىن سىلەرگە نان ياغدۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەلق ھەر كۈنى چىقىپ، بىر كۈنلۈك لازىملىقىنى يىغىۋالسۇن. بۇ تەرىقىدە مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ قانۇن-ئەمرلىرىمدە ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىنايمەن.
TSK
TSK · يۇھاننا 6:32
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
زەبۇر 78:23
TSK
ئۇ ئەرشتىن بۇلۇتلارنى بۇيرۇپ، ئاسمان دەرۋازىلىرىنى ئاچقانىدى؛
يۇھاننا 6:33
TSK
چۈنكى خۇدانىڭ نېنى بولسا پۈتكۈل دۇنياغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان، ئەرشتىن چۈشكۈچىدۇر.
يۇھاننا 6:41
TSK
ئەمدى يەھۇدىيلار ئەيسانىڭ: «ئەرشتىن چۈشكەن نان ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غوتۇلدىشىشقا باشلىدى:
يۇھاننا 6:55
TSK
چۈنكى ئەت-تېنىم ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر.
يۇھاننا 15:1
TSK
ــ «ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام بولسا باغۋەندۇر.
يۇھاننا «1» 5:20
TSK
يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي بولغۇچىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يورۇتتى؛ ۋە بىز ھەقىقىي بولغۇچىنىڭ ئۆزىدە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھدە ياشاۋاتىمىز. ئۇ بولسا ھەقىقىي خۇدا ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر!