لېكىن بۇنى قىلغان سەن ئىكەنلىكىڭنى ــ مېنىڭ بۇرادىرىم، سىردىشىم، ئەزىز دوستۇم بولۇپ چىقىشىڭنى ئويلىماپتىمەن!
TSK
TSK · يۇھاننا 6:71
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بۇ ئىشتىن كېيىن، ئون ئىككىيلەندىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
ئەيسا جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇدۇر، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چىشلەم ناننى [ئاشقا] تۆگۈرۈپ، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى.
ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى.
چۈنكى مەلۇم كىشىلەر ــ ئىخلاسسىز ئادەملەر، خېلى بۇرۇنلا مۇنۇ سوراققا تارتىلىشقا پۈتۈلگەنلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان. ئۇلار خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بۇزۇقلۇق قىلىشنىڭ باھانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغان، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن تانغان ئادەملەردۇر.