سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدىن باشلاپ، يەتتە كۈنگىچە پەرۋەردىگارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى» بولىدۇ.
TSK
TSK · يۇھاننا 7:2
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سەن «كەپىلەر ھېيتى»نى يەتتە كۈن ئۆتكۈزىسەن؛ سەن خامان ۋە شاراب كۆلچىكىڭنى يىغقان چېغىڭدا، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، شەھەر دەرۋازىسى ئىچىدە تۇرىدىغان لاۋىيلار، مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شۇ ھېيتتا شادلىنىسىلەر.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ۋاقىتتا سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پۈتۈن ئىسرائىل، يەنى خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىدىن تارتىپ مىسىر ئېقىنىغىچە ھەممە يەرلەردىن كەلگەن زور بىر جامائەت پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا يەتتە كۈن ۋە يەنە يەتتە كۈن، جەمئىي ئون تۆت كۈنگىچىلىك ھېيت ئۆتكۈزدى.
ئۇلار يەنە [مۇقەددەس قانۇندا] پۈتۈلگىنى بويىچە «كەپىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن تەلەپكە مۇۋاپىق سان بويىچە كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى سۇنۇشاتتى.
شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، يېرۇسالېمغا جەڭ قىلىشقا كەلگەن ھەممە ئەللەردىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھەر يىلى يېرۇسالېمغا، پادىشاھقا، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا ۋە «كەپىلەر ھېيتى»نى تەبرىكلەشكە چىقىدۇ.