TSK

TSK · يۇھاننا 7:20

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

مۇخلىس ئۇستازىغا ئوخشاش بولسا، قۇل خوجايىنىغا ئوخشاش بولسا رازى بولسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ ئىگىسىنى «بەئەلزىبۇل» دەپ تىللىغان يەردە، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ھاقارەتلىمەمدۇ؟  

لېكىن پەرىسىيلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ: ــ ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزىبۇبقا تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن، دېيىشتى.

[ئەيسانىڭ بۇ سۆزى] ئۇلارنىڭ «ئۇنىڭغا ناپاك روھ چاپلىشىپتۇ» دېگىنى ئۈچۈن [ئېيتىلغانىدى].

شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا: ــ ساڭا دەرۋەقە جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق! ھەتتا [ھەزرىتى] ئىبراھىم ۋە پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقسىگە: «مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم تېتىمايدۇ» دەيسەن؟

پاۋلۇس بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئۆزىنى شۇنداق ئاقلاش جاۋابىنى بەرگەندە، فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: ــ پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! بىلىمىڭنىڭ كۆپلىكى ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! ــ دېدى.