TSK

TSK · يۇھاننا 7:39

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەر ئۈچۈن ئاراڭلاردىن، قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشايدىغان بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ؛ سىلەر ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار.

تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى! روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم، سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم.

تاكى روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە، دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە، مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە شۇ پېتى بولىدۇ.  

ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛  

خالايىق: ــ بۇ گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەتلىك پەيغەمبەر ئەيسا، دەپ جاۋاب بېرىشەتتى.

ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ: ــ «ئارىمىزدا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزۇلدى!» ۋە «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ دېيىشتى.  

ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس [پەيغەمبەر]مۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ياق، مەن ئۇ ئەمەسمەن، ــ دېدى ئۇ. ــ ئەمىسە، سەن ھېلىقى پەيغەمبەرمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. ئۇ يەنە: ــ ياق! ــ دېدى.

مەن ئەسلىدە ئۇنى بىلمىگەنىدىم؛ لېكىن مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكۈچى ماڭا: «سەن روھنىڭ چۈشۈپ، كىمنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئۇ كىشىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرگۈچى بولىدۇ!» دېگەنىدى.

كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ غۇلغۇلا بولدى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ خالايىقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى.

لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپتە ئۇلۇغلىنىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى.   

ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن.

لېكىن ئاتا مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرىدۇ.

ئى ئاتا، سېنىڭ ئالەم ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن مەن ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئىگە بولغان شان-شەرەپ بىلەن مېنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىڭدا ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن.  

ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار.  

ــ «خۇدا مۇنداق دېدى: «مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىك بېشارەت يەتكۈزىدۇ، سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ سىلەرنىڭ قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ؛  

پېترۇس ئۇلارغا: ــ توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ.

مۇسا دەرۋەقە مۇنداق دېگەنىدى: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ. ئۇنىڭ سىلەرگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك!

ئەمما سىلەرگە كەلسەك، پەقەت خۇدانىڭ روھى دەرۋەقە ئىچىڭلاردا ياشاۋاتقان بولسا، سىلەر ئەتتە ئەمەس، بەلكى روھتا ياشايسىلەر. ئەمما مەسىھنىڭ روھىغا ئىگە بولمىغان ئادەم بولسا، ئۇ مەسىھكە مەنسۇپلاردىن ئەمەس.

ھەقىقەتنىڭ كالام-سۆزىنى، يەنى نىجاتىڭلاردىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ سىلەرمۇ ئۇنىڭغا تاياندىڭلار ــ ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار.