TSK

TSK · يۇھاننا 7:47

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ــ «پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەزەكىيا سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن! چۈنكى ئۇ سىلەرنى [پادىشاھنىڭ] قولىدىن قۇتقۇزالمايدۇ.

سىلەر ئەمدى ھەزەكىياغا ئالدانماڭلار، سىلەرنى شۇنداق قايىل قىلىشىغا يول قويماڭلار ياكى ئۇنىڭغا ئىشىنىپمۇ ئولتۇرماڭلار؛ چۈنكى مەيلى قايسى ئەلنىڭ، قايسى پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى بولسۇن، ھېچقايسىسى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن ياكى مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزۇپ چىقالمىدى؛ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى مېنىڭ چاڭگىلىمدىن تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇۋالالمايدۇ ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ» ــ دېدى.

كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ غۇلغۇلا بولدى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ خالايىقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى.

ھەم ئىززەت-شۆھرەتتە ھەم ھاقارەت ئىچىدە، تۆھمەت ھەم تەرىپلىنىشلەر ئىچىدە [ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ خىزمەكارلىرى سۈپىتىدە نامايان قىلدۇق]؛ يالغانچىلار دەپ قارالغان بولساقمۇ سەمىمىي-سادىق بولۇپ،