TSK

TSK · يۇھاننا 7:6

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سەن ئورنۇڭدىن تۇرىسەن، زىئونغا رەھىم قىلىسەن؛ چۈنكى ئۇنىڭغا شەپقەت كۆرسىتىش ۋاقتى كەلدى، ھە، ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى!

ئۇ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستاز: ــ ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلىشىپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى مۇخلىسلىرىم بىلەن بىرلىكتە سېنىڭ ئۆيۈڭدە ئۆتكۈزەي ــ دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، ــ دېدى.

سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، ــ دېدى.  

ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە، سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېيتقانىدى. بىراق ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.  

ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتا، ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى؛ سەن ئوغلۇڭنى ئۇلۇغلاتقۇزغايسەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ سېنى ئۇلۇغلاتقۇزىدۇ؛