TSK

TSK · يۇھاننا 8:35

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىبراھىمغا: ــ بۇ دېدەك بىلەن ئوغلىنى ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن تەڭ ۋارىس بولسا بولمايدۇ!، ــ دېدى.

ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بۇ رەزىل ئادەملەرنى ۋەھشىيلىك بىلەن يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا مېۋىلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىگە تاپشۇرىدىغان باشقا باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

ئازغىنا ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيا مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرۈسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر.

چۈنكى خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەنكىشىلەرنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىنىڭ ئوبرازىغا ئوخشاش بولىدىغىنىنى، ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن.   

لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدىكىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكتىن تاپقان ئوغۇل ھەرگىز ھۆر ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولمايدۇ!» دەپ پۈتۈلگەن.   

مۇسا بولسا خىزمەتكار سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن كېيىنكى ئاشكارىلىنىدىغان ئىشلارغا گۇۋاھلىق بېرىش خىزمىتىنى قىلغان.