TSK

TSK · يۇھاننا 8:39

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ۋە ئۆز ئىچىڭلاردا: «بىزنىڭ ئاتىمىز بولسا ئىبراھىمدۇر!» دەپ خىيال قىلىپ يۈرمەڭلار؛ چۈنكى مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى ئاپىرىدە قىلالايدۇ.  

سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ سۆزۈم ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى.

ئۇ يەنە خەتنە قىلىنغانلارنىڭمۇ ئاتىسىدۇر؛ دېمەك، خەتنە قىلىنغان بولۇشى بىلەن تەڭلا خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىمۇ ئېتىقادلىق يول ماڭغان ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ئىزلىرىنى بېسىپ ماڭغانلارنىڭمۇ ئاتىسى بولغاندۇر.

شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا ئىبراھىمغا]: «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ» ــ دېيىلگەن.   

سىلەر مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان [بەخت-سائادەتكە] مىراسخوردۇرسىلەر.