سەن پىرەۋنگە: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم بولىدۇ.
TSK
TSK · يۇھاننا 8:41
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئەي ئەخمەق ۋە نادان خەلق، پەرۋەردىگارنىڭ ياخشىلىقىنى شۇنداق ياندۇرامسەن؟ ئۇ سېنى بەدەل تۆلەپ ھۆر قىلغان ئاتاڭ ئەمەسمۇ؟ ئۇ سېنى يارىتىپ، سېنى تىكلىگەن ئەمەسمۇ؟
چۈنكى گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، سەن ھامان بىزنىڭ ئاتىمىز؛ سەن پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ ئەزەلدىن تارتىپ «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز» سېنىڭ نامىڭدۇر.
مەن: «مەن سېنى بالىلىرىم قاتىرىغا قويۇپ، ساڭا گۈزەل زېمىننى، يەنى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كۆركەم جاينى مىراس قىلىپ ئاتا قىلىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم!» ــ دېدىم، ۋە: «سەن مېنى «مېنىڭ ئاتام» دەيسەن، ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈمەيسەن!» ــ دېدىم.
ــ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۆزۈمگە تۇغۇپ بەرگەن قىز-ئوغۇللىرىڭنى ئېلىپ، مەبۇدلارنىڭ ئوزۇقى بولسۇن دەپ ئۇلارنى قۇربانلىق قىلدىڭ. سېنىڭ بۇزۇقلۇقۇڭ ئازلىق قىلغاندەك،
پەرۋەردىگارنىڭ ھوشىيا ئارقىلىق كەلگەن سۆزىنىڭ باشلىنىشى ــ پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «بارغىن، پاھىشىلىككە بېرىلگەن بىر ئايالنى ئەمرىڭگە ئالغىن، پاھىشىلىكتىن بولغان بالىلارنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن؛ چۈنكى زېمىن پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ پاھىشىلىككە پۈتۈنلەي بېرىلدى» دېدى.
ــ ئوغۇل ئاتىسىنى، قۇل ئىگىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئەمدى مەن ئاتا بولسام، ھۆرمىتىم قېنى؟ ئىگە بولسام، مەندىن بولغان ئەيمىنىش قېنى؟ ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دەيدۇ، ئى مېنىڭ نامىمنى كەمسىتكەن كاھىنلار! بىراق سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ نامىڭنى كەمسىتىپتۇق؟» ــ دەيسىلەر.
مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!