TSK

TSK · يۇھاننا 8:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا: ــ بەرھەق، بىز ئىنىمىزغا قىلغان ئىشىمىز بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالدۇق؛ ئۇ بىزگە يالۋۇرسىمۇ ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئازاب-ئوقۇبەت بېشىمىزغا چۈشتى، ــ دېيىشتى.

ئايال ئىلىياسقا: ــ ئى خۇدانىڭ ئادىمى، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقەم بار ئىدى؟ سەن گۇناھىمنى يادقا كەلتۈرۈپ، ئوغلۇمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشقا كەلدىڭمۇ؟ ــ دېدى.

رەزىللەرنىڭ غالىبە تەنتەنىسى قىسقىدۇر، ئىپلاسلارنىڭ خۇشاللىقى بىردەملىكتۇر.

ئەللەر بولسا ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا ئۆزلىرى چۈشۈپ كەتتى، ئۆزلىرى يوشۇرۇپ قويغان تورغا پۇتى قاپسىلىپ قالدى.

سەن بۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭدا، مەن ئۈن چىقارمىدىم؛ دەرۋەقە، سەن مېنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش دەپ ئويلىدىڭ؛ لېكىن مەن سېنى ئەيىبلەپ، بۇ ئىشلارنى كۆز ئالدىڭدا ئەينى بويىچە ساڭا كۆرسىتىمەن.

چۈنكى كۆڭلۈڭدە، ئۆزۈڭنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارغا كۆپ قېتىم لەنەت قىلغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىسەن.

شۇ چاغلاردا، مىڭلىغان كىشىلەر يىغىلىپ، بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك قىستا-قىستاڭ بولۇشۇپ كەتكەندە، ئۇ ئاۋۋال مۇخلىسلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار.   

ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكەنىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ: ــ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ، ــ دېدى.

«زىنا قىلماڭلار» ــ دەپ ۋەز ئېيتىيسەنۇ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن نەپرەتلىنىسەنۇ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلامسەن؟