TSK

TSK · باتۇر ھاكىملار 19:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئازغىنا سۇ كەلتۈرۈلسۇن، سىلەر پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ دەرەخنىڭ تېگىدە ئارام ئېلىۋېلىڭلار.

ئۇ كىشى ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشىغا سۇ ئەكىرىپ بېرىپ، ئاندىن ئېشەكلىرىگە يەم بەردى.

ئاندىن داۋۇت ئۇرىياغا: ئۆز ئۆيۈڭگە بېرىپ پۇتلىرىڭنى يۇغىن، دېدى. ئۇرىيا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن چىققاندا، پادىشاھ كەينىدىن ئۇنىڭغا بىر سوۋغا ئەۋەتتى.

داستىخاندىن تۇرۇپ، تون-كۆڭلىكىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى.

يەنە گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن تەرىپلەنگەن بولۇشى، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مۇساپىرلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتقان، ئۆزىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلار بولۇشى كېرەك.