TSK

TSK · باتۇر ھاكىملار 8:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇ سوراپ يىغقان ئالتۇن زىرىلەرنىڭ ئېغىرلىقى بىر مىڭ يەتتە يۈز شەكەل ئالتۇن ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا مىدىيان پادىشاھلىرى ئۆزىگە ئاسقان ھىلال ئاي شەكىللىك بۇيۇملار، زۇننار، ئۇچىسىغا كىيگەن سۆسۈن ئېگىنلەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ئالتۇن زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى.

ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، دېۋىدى، شىمشون ئۇلارغا: ــ «بىز ئۆزىمىز ساڭا ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرمەيمىز»، دەپ ماڭا قەسەم قىلىڭلار، دېدى.

ياراغ كۆتۈرگۈچىسى سائۇلنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئۆزىنى قىلىچنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆلدى.

ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛

ئاشۇ كۈنى رەب ئۇلارنى گۈزەللىكىدىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ ــ ئۇلارنىڭ ئوشۇق جىلدىراقلىرىنى، باش جىيەكلىرىنى، ئاي شەكىللىك مارجانلىرىنى،