ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ، جەنۇبتىكى نەگەۋدىن بەيت-ئەلگە، يەنى بەيت-ئەل بىلەن ئايىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە چېدىر تىككەن جايغا،
TSK
TSK · لاۋىيلار 13:3
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنداق قىلساڭلار، مۇقەددەس بىلەن ئادەتتىكىنى، پاك بىلەن ناپاكنى پەرق ئېتىپ ئاجرىتالايدىغان بولىسىلەر؛
كاھىن ئۇنىڭغا يەنە قارىسۇن ۋە ئەگەر چاقا ئۇنىڭ تېرىسىدە كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ ئۇ جاراھەت پېسە-ماخاۋدۇر.
كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر داغ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق كۆرۈنسە، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى بۇ ھۈررەكتىن قوزغىلىپ پەيدا بولغان پېسە-ماخاۋ كېسىلى جاراھىتىدۇر.
بۇلار بولسا ھەرخىل پېسە-ماخاۋ جاراھىتى، قاقاچ،
مۇشۇنداق بارلىق ئىشلارنى، يەنى نومۇسسىز پاھىشە ئايالنىڭ ئىشلىرىنى قىلىسەن، نېمانچە سۇيۇق سېنىڭ قەلبىڭ! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار،
يات ئادەملەر ئۇنىڭ كۈچىنى يەپ كەتتى، بىراق ئۇ ھېچ سەزمەيدۇ؛ بەرھەق، [بېشىنىڭ] ئۇ يەر-بۇ يېرىدە ئاق چاچلار كۆرۈنىدۇ، بىراق ئۇ ھېچ بىلمەيدۇ؛
چۈنكى كاھىننىڭ لەۋلىرى ئىلىم-بىلىمنى ساقلىشى كېرەك، خەقلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات-قانۇنىنى ئىزدىشى لازىم؛ چۈنكى ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىدۇر.
لېكىن ئەگەر [قېرىندىشىڭ] ئۇلارنىڭ سۆزىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ جامائەتتىكىلەرگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنى يات ئەللىك ياكى باجگىر قاتارىدا كۆرۈڭلار.
مۇقەددەس روھ سىلەرنى خۇدانىڭ جامائىتىنى بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىسى ئىچىدە يېتەكچى قىلىپ تىكلىگەنىدى؛ ئەمدى ئۆزۈڭلارغا ھەم ئۆز ئوغلىنىڭ قېنى بىلەن سېتىۋالغان بارلىق پادىسىغا سەگەك بولۇڭلار!
ئۇنداقتا نېمە دېگۈلۈك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دەرۋەقە، قانۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بولمىسا، گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. قانۇن «نەپسانىيەتچىلىك قىلما» دېمىگەن بولسا، نەپسانىيەتچىلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم.
ئەمما ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان بىرسى بولسا، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار ۋە ئۇنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن باردى-كەلدى قىلماڭلار.
لېكىن ئىپلاس، قۇرۇق گەپلەردىن نېرى تۇر. چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار بەرىبىر تېخىمۇ ئىخلاسسىزلىققا چۆمۈپ كېتىدۇ.
سىلەرگە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ مېڭىش-تۇرۇشىنىڭ مېۋە-نەتىجىسىگە كۆڭۈل قويۇپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۈلگە قىلىڭلار: ــ