TSK

TSK · لاۋىيلار 13:4

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

كاھىن ئۇنىڭغا سەپسېلىپ قارىسۇن؛ ئەگەر شۇ داغدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ كەتكەن، داغمۇ ئەتراپىدىكى تېرىدىن قېنىقراق بولۇپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ كۆيۈك يارىسىدىن پەيدا بولغان پېسە-ماخاۋ كېسىلىدۇر؛ كاھىن ئۇنى «ناپاك» دەپ جاكارلىسۇن؛ چۈنكى ئۇ پېسە-ماخاۋ جاراھىتىدۇر.

كاھىن [داغقا] سەپسېلىپ قارىسۇن، ئاندىن ئىز-داغ پەيدا بولغان نەرسىنى يەتتە كۈنگىچە ئايرىم ساقلىسۇن.

پەرۋەردىگار مۇساغا: — ئەگەر ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەن بولسا، ئۇ يەتتە كۈن خىجىلچىلىق ئىچىدە تۇرغان بولاتتى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا يەتتە كۈن قاماپ قويۇلسۇن، ئاندىن ئۇ قايتىپ كەلسۇن، — دېدى.

شۇ ھامان تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىل؛ راست بولسا، دەرۋەقە بۇ يىرگىنچلىك ئىش ئاراڭلاردا يۈز بەرگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا،

شۇڭا ۋاقتى-سائىتى كەلمىگۈچە، يەنى رەب كەلمىگۈچە ھېچ ئىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارماڭلار؛ رەب كەلگەندە ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى يوشۇرۇن ئىشلارنى ئاشكارىلايدۇ، قەلب-دىللاردىكى بارلىق ئوي-نىيەتلەرنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ چاغدا ھەربىرى خۇدا تەرىپىدىن تەرىپلىنىدۇ.