شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار خۇشبۇي پۇراپ [مەمنۇن بولدى]؛ پەرۋەردىگار كۆڭلىدە: ــ «ئىنساننىڭ كۆڭۈل-نىيىتى ياشلىقىدىن تارتىپ رەزىل بولسىمۇ، مەن ئىنسان تۈپەيلىدىن يەرگە يەنە لەنەت ئوقۇمايمەن ۋە ئەمدى بۇ قېتىمقىدەك ھەممە جاندارلارنى ئۇرۇپ يوقىتىۋەتمەيمەن.
TSK
TSK · لاۋىيلار 8:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
يارىتىلىش 8:21
TSK
مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، ئۇ شۇنداق بەجا كەلتۈردى.
لاۋىيلار 1:13
TSK
لېكىن ئۇنىڭ ئىچ-قارنى بىلەن پاچاقلارنى [قۇربانلىق سۇنغۇچى] سۇدا يۇسۇن؛ ئاندىن كاھىن ھەممىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھېسابىدا، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.
لاۋىيلار 2:9
TSK
كاھىن بولسا ئاشلىق ھەدىيەدىن «يادلىنىش ئۈلۈشى»نى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ.
لاۋىيلار 8:13
TSK
ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە بەلۋاغ باغلاپ، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تاقاپ قويدى.