ئىسرائىل باراقسان بىر ئۈزۈم تېلىدۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۈچۈن مېۋە چىقىرىدۇ؛ مېۋىسى كۆپەيگەنسېرى ئۇ قۇربانگاھلارنىمۇ كۆپەيتكەن؛ زېمىنىنىڭ ئېسىللىقىدىن ئۇلار «ئېسىل» بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ياسىدى.
TSK
TSK · لۇقا 12:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىقلارنى توپلىماڭلار. چۈنكى بۇ يەردە يا كۈيە يەپ كېتىدۇ، يا دات باسىدۇ ياكى ئوغرىلار تام تېشىپ ئوغرىلاپ كېتىدۇ.
مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، [كەمبەغەللەرگە] خەيرخاھلىق قىلىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان، ئەرشلەردە ھەرگىز تۈگەپ كەتمەيدىغان بىر خەزىنە ھازىرلاڭلار؛ ــ شۇ يەردە ئوغرى يېقىن كەلمەيدۇ، كۈيە يەپ يوقاپ كەتمەيدۇ.
ئەكسىچە، توۋا قىلمايدىغان جاھىللىقىڭ ۋە تاش يۈرەكلىكىڭدىن، خۇدا ئادىل ھۆكۈمىنى ئايان قىلىدىغان غەزەپلىك كۈنى ئۈچۈن سەن ئۆز بېشىڭغا چۈشىدىغان غەزىپىنى توپلاۋاتىسەن.
ئۇلارغا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتا [ھەقىقىي] باي بولۇڭلار، خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلاردا مەرد، باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرلىنىشكە قولى ئوچۇق بولۇڭلار دەپ تاپىلىغىن.
ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا چۈشىدىغان كۈلپەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاڭلار.