TSK

TSK · لۇقا 17:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «[مەسىھ] ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.

ئۇ يەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىپ، ئۇلارغا: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە يېقىنلاشتى!» دەڭلار.

ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار.  

چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېمەك-ئىچمەكتە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتا بولغان ھەققانىيلىق، ئىناقلىق-خاتىرجەملىك ۋە شادلىقتىدۇر.