ئۇ نە ئەمىرلەرگە ھېچ يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، نە بايلارنى كەمبەغەللەردىن يۇقىرى كۆرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن ياراتقاندۇر.
TSK
TSK · لۇقا 20:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئاغزى سېرىق مايدىنمۇ يۇمشاق، بىراق كۆڭلى جەڭدۇر ئۇنىڭ؛ ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدىنمۇ سىلىق، ئەمەلىيەتتە سۇغۇرۇپ ئالغان قىلىچلاردۇر.
ئۇلار مۇخلىسلىرىنى ھېرودنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلماي ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، دەپ بىلىمىز. «ھېرودلار»نىڭ نەسەبنامىسى
ئۇلار كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، بەلكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىمىز. [سىلىچە]، [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟
پېترۇس ئاغزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن خۇدانى ھېچقانداق ئادەمگە يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، دەپ چۈشىنىپ يەتتىم؛ بەلكى ھەر ئەلدىن بولغانلار ئىچىدە ئۇنىڭدىن قورقىدىغان ۋە ھەققانىيەت يۈرگۈزىدىغان كىشى بولسىلا، ئۇنىڭ ئالدىدا مەقبۇلدۇر.
مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم.
ئەكسىچە، بىز خۇدا تەرىپىدىن خۇش خەۋەرنىڭ ئامانەت قىلىنىشقا لايىق كۆرۈلگەن ئادەملەر سۈپىتىدە بىز شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئادەملەرنى ئەمەس، بەلكى قەلبىمىزنى سىنىغۇچى خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن [خۇش خەۋەرنى] جاكارلايمىز.